• ICONتېما:بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان جاۋاب

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/1000uy-logs/105650945.html

    جون بىلەن جېك تاققا چىقىش ھەۋەسكارلىرىدىن بۇلۇپ،دۇنيادىكى نۇرغۇن تاغلارنى بويسۇندۇرغانىدى.ئۇلار يەنە ئافىرقىدىكى ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىسى-كېلىمانجارۇ تاغ تىزمىسىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى.
    ئۇلار تۇلۇق تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن تاغقا چىقىشقا باشلىدى.مۇساپە ناھايتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ،ئەتىسى چۈشتىلا ئاپپاق تاغ قاپتىلىغا چىقىپ بولدى.ئولار بىر جايدا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا جون دەسسەپ تۇرغان يەردىكى مۇز يېرىلىپ كىتىپ،ئۈزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگىرەلمەي ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى.
    جېك مۇز يېرىقىنىڭ قېشىغا كىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا:
    -جون،سەن ھاياتمۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى.
    خىلى ئۇزاقتىن كىيىن:
    -پەرۋەردىگار مىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى،مەن تېخى ھايات،بىراق بىلىكىم سۇنۇپ كەتتى،-دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
    جېك ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كىيىن:
    -ساقلاپ تۇر،مەن ھازىرلا سىنى تارتىپ چىقىرىمەن،-دەپ ۋارقىرىدى،ئاندىن ئارغامچىنى تاشلاپ بەردى،-ئارغامچىنى چىڭ تۇت،مەن سىنى تارتىپ چىقىرىۋالىمەن.
    جون ماقۇل بولدى،جېك ئۇنى تارتىشقا باشلىدى.
    بىر ئازدىن كىيىن جېك تۇيۇقسىز:
    -جون،بىلىكىم سۇنۇپ كەتتى دەۋاتاتتىڭ،ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ؟،-دەپ سورىدى.
    تۆۋەندىن ھىچقانداق جاۋاپ چىقمىدى.جېك ئويلىغانسىرى غەلىتىلىك ھىس قىلىپ يەنە ئۇنىڭدىن سورىدى:
    -جون،ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ دەۋاتىمەن؟
    -چىشىم.....-دېگەن ئاۋاز ئاخرلاشمايلا،جېك ئارغامچىنىڭ تۇيۇقسىز يىنىكلەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.ئارقىدىنلا تۆۋەندىن «پالاق»قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
    مەنبە:تەرمىلەر ژورنىلى
    分享到: