• ICON [ھىكايە] جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/1000uy-logs/105650432.html

    _نىمە كەچكىچە يىغلاۋىرىسىز؟مەن سىزگە دىدىمغۇ،مەن سىز بىلەن ئاجراشتىم،ئەمدى تولا يىغلاپ بېشىمنى ئاغرىتماڭ!!مەن سىزنىڭ مىچىلداشلىرىڭىزغا ئۆچ بولدۇم،_كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ شۇ قەدەر قەھرىڭ بىلەن ۋارقىرىدىڭكىن ئاۋازىڭدىن ئۆينىڭ تاملىرىمۇ تىترەپ كەتتى.
    _نىمىشقا؟نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟مەن ئىشەنمەيمەن،سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز،مېنى دىمىسىڭىزمۇ ئوغلىمىزنى ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟_يەنە شۇ سەن ئۆچ بولغان ياشلىرىم تاراملاشقا باشلىدى..
    _سىز،سىز.._بىردىنلا چىرايىڭ قورقۇنچلىق تۈسكە كىردى،سەن ماڭا يېقىن كەلدىڭ،قوللىرىڭنى ماڭا سۇندۇڭ،مەن تۇيۇقسىزلا گېلىمدىن چىڭ بوغۇشقا باشلىغان قوللىرىڭنىڭ ئىسكەنجىسىدىن بوشىنالماي تېپىرلاشقا باشلىدىم.
    "مېنى ئۆلتۈرىۋىتىش خىيالىغا كەلگەن ئوخشايسەن،بوپتۇلا..سەنسىز قىينىلىپ ياشىغىنىمدىن سېنىڭ قولۇڭدا ئۈلۈپ كەتسەم مەيلى ئەمەسمۇ؟؟"شۇ خىيالدا تېپىرلاشتىن توختاپ سېنىڭ قىينالماي مېنى ئۇزىتىۋىتىشىڭ ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ تۇرغانمۇ بولاتتىم بىراق تۇيۇقسىز كىچىك بالىنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى مېنى سەگەكلەشتۈردى."ياق،ياق..مەن ئۈلۈپ كەتمەسلىكىم كېرەك،ئوغلۇم ئۈچۈن مەن بولمىسام بولمايدۇ،ياق"مەن جان تىكىپ تېپىرلاشقا  سېنىڭ ئامبۇردەك قولىرىڭدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز سېنىڭ قوللۇرىڭ بوشاپ كەتتى .ئېنىقكى ياندىكى ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى سەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىڭ،شۇ دەقىقىدە مەن كۆزلىرىڭدىن دۇمىلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى كۆرۈپ قالدىم.سەن بالا يىغلاۋاتقان ئۆي تەرەپكە قاراپ بىر قەدەم ئالدىڭيۇ يەنە توختاپ قالدىڭ.
    _دادا،دادا....
    بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئوغلۇم دادىسىنى توۋلاۋاتاتتى.سەن ئىتتىك ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ:
    _مەن كەتتىم،مەن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيمەن_دىگىنىڭچە ئىشىكنى ئېچىپ قۇيۇندەك يۈگرەپ چىقىپ كەتتىڭ.
    _ياق،ياق،سىز كەتمەڭ،سىز بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ،بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ!!


    بىز توي قىلىپ دەل بىر يىل بولغاندىن كېيىن بىز بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كۈتكەن مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى بولمىش خۇشخەۋەر"بويۇمدا قالغانلىقى"مەلۇم بولدى.بۇنىڭدىن ئىككىمىز شۇ قەدەر خۇشال بولدۇقكىن سېنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ھاياجان بىلەن مېنى دەست كۆتۈرۈۋىلىپ پىرقىراپ كەتكەنلىكىڭ خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.بىراق بىر خۇشلۇقنىڭ كەينىدە ھامان بىر كۆڭۈلسىزلىك سايە بولۇپ تۇرغىنىدەك مەكتەپتىن سېنى يېڭى ئوقۇش ئىسلاھاتى بويىچە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى...بۇ گەرچە ئۇنچىلا كۆڭۈلسىز خەۋەر بولمىسىمۇ بىراق بۇ يىراق تاغلىق يېزىدا سەندىن باشقا دىل ئارامى بولمىغان مەن ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ بىر يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن كۆزلىرىمدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈپ تۇرۇپ قوبۇل ئېتىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى.
    يېنىپ-يېنىپ تىلەك تىلەش،قىيماسلىق بىلەن ھىجران ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ سېنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.سەنمۇ بارا-بارا غەلىتە مىجەز بولۇپ كېتىۋاتقان ئاپاڭنى ماڭا تاشلاپ،مەن ساڭا تازىمۇ مۇھتاج بولىدىغان مىنۇتلاردا يېنىمدا بولالمىغانلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ قىيالماسلىق ئىچىدە مېنى سەۋر-تاقەتلىك،چىداملىق بولۇشقا ئۈندەپ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تارتقان جاپالىرىم بەدىلىگە ھەسسىلەپ جاۋاپ قايتۇرۇدىغانلىقىڭنى سۆزلەپ تۇرۇپ كېتىپ قالدىڭ.ماڭا ئېغىر كېلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ماڭا قالغان جاپالار ئەمەس..بەلكى سەندىن ئايرىلغاندىكى ھىجران ئازابى ئىدى جېنىم....
    شۇنداق قىلىپ مەن قالدىم. سەن كەتكەندىن كېيىن ئاپاڭ تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ كەتتى.بىراق بىر يېرى بۇرۇنقىدىن كۆپ جىمغۇرلىشىپ كەتتى.كۈن بويى نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاپ كىملەرنىدۇر تىللاپ يۈرەتتى.ھەر قانچە يالغۇزلۇق تارتساممۇ،ئۇنىڭغا يېلىنساممۇ مەن بىلەن بىللە يېتىشقا زادىلا ئۇنىمايتتى.ئامالسىز خوشنامنىڭ مېنىڭ سىنىپىمدا ئوقۇيدىغان قىزىنى ھەمرا قىلىپ ياتاتتىم.سەندىن كېلىدىغان تېلىفۇنلار،ئوتلۇق مۇھەببەتكە تولغان ئۇچۇرلارلا كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىردىنبىر خۇشاللىقىم ئىدى.
    بارا-بارا كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى،تەلىيىمگە ئوماق پەرزەنتىمىز يورۇق  دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان چاغدا سەن مەلۇم بىر بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن  قايتىپ كەلدىڭ....
    .......................................................................................
    مانا ئوماق ئوغلىمىز 3 ئايلىق بولغان مۇبارەك كۈندە سەن ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىڭ.ئەمدىكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ئوغلىمىزنىڭ گۇڭراشلىرى،سېنى ۋە مېنى كۆرگەندە بۆلەكچە بىر خىل تېپىرلاپ تەلپۈنۈشلىرى سەندىكى ئاتىلىق سېزىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتسە مەندىكى ئانىلىق مۇھەببەتنى تېخىمۇ ئۇرغۇتاتتى.ئۇنىڭ مىھرىڭ بىلەن باغرىڭغا بېسىپ،يىرىك ساقاللىرىڭنىڭ يۇمران يۈزلىرىگە سانجىلىپ قىرقىراشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ چوكۇلدىتىپ سۆيگەن مىنۇتلىرىڭدا مەن چەكسىز مۇھەببەت،سۆيۈنۈش بىلەن ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللادىن بىز ئاتا،بالا،ئانا ئۈچىمىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماي مۇشۇنداق بەختىيارلىق ئىچىدە ھاياتلىق ئېتىزىنى گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەپ ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى رەت-رەت تىلەيتتىم.
    بىراق..بۇ خۇشال،بەختىيار مىنۇتلارنىڭ كەينىدە بىر