• ICONيەرنى كولاپ يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/1000uy-logs/104023494.html

    مۇنبەر دېگەنمۇ قىززىق نېمە، ئويۇنخۇمار گەپچى باللار قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ ياكى كولدۇرلىتىدۇ، نۇرغۇن ئوماق تورداشلار كۈلىدۇ ھەم كولدۇرلىتىلىدۇ. بۇ ئوماقلارنىڭ ئىچىدە قانداقلا نەرسىنى كۆرسە ئىشىنىپ قالىدىغان <<ھاڭۋاقتىلار>>مۇ، <<ھاڭۋاقتىلار>>نىڭ ساددىلىقىغا ھەيران بولۇپ ھاڭۋىقىپ ئىنكاس يازىدىغان سۆيۈملۈك <<تور قۇرتلىرى>>مۇ بار.  كولدۇرلاتقانلارنى كولدۇرما قىلىپ چالىدىغان قىززىقچى، ھۇشيار ئويۇنچىلارمۇ بار. بىرسى مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ:
    قەشقەرلىك تورداش: قەشقەردىن يەرنى تۈپتۈز كولىسام قەيەردىن چىقارمەن دەپ گۇگىللىسام جەنۇبى ئامىرىكىغا يېقىن دېڭىزدىن چىقىدىكەنمە.
    نامەلۇم تورداش: مەن دېڭىزدىن چىقىپ قالسام سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم، قانداقمۇ قىلارمەن؟!!
    ئاقسۇلۇق تورداش: ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تىگىنى ھارماي كولىسىڭىز ئۇدۇل ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆزىڭىزنى كۆرىسىز. ئېسىل شەھەرگە بېرىپ قالىسىز.
    نامەلۇم قىززىقچى تورداش: ئەمىسە ئاقسۇلۇقلار ئامرىكىغا ۋېزا -پاسپورتسىزمۇ بىرىپ كىلەلەيدىكەنسىلەر، نېمە دېگەن ياخشى...
    ئۈرۈمچىلىك تورداش: (ئىنتايىن جىددىي قىياپەتتە) ئۈرۈمچىدىن كولىسا قەيەردىن چىقىدىغاندۇ؟
    نامەلۇم تورداش: ئۈرۈمچىدىن باشلاپ كولىسا ئۇدۇل دوزاققا چۈشەرمىكىن....
    بۇ ئۇچۇردىن قورقۇپ كەتكەن نامەلۇم تورداش: تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق گەپ قىلىدىغان ئادەمكەنسىز ، توۋا...
    ئۈرۈمچىنى دوزاققا تۇتىشىدىغان يول دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئۈرۈمچىلىك تورداش تولىمۇ خاپا بولغان ھالدا: يى نېم بولدۇڭ بالاڭزا قېرىندىشىم، ئۈرۈمچىلىك ئۇمۇچىڭنى ئۆرىۋەتمىگەندۇ؟
    يەر شارىنىڭ ئوتتۇرسىدىن تۆشۈك ئاچسا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن بىر تورداش: ئۆزۈڭلارغا ھاي بىرىپ كولىماڭلار، ئاران تۇرغان يەرشارى ۋاككىدە يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتمىسۇن!!!
    مارالبىشىدىن كولاپ يەرنىڭ ئۇ چىتىگە چىقىپ باققۇسى بار تورداش: مۇشۇنداق كولاپ زېمىننىڭ يەنە بىر چېتىگە قانچە يىلدا بىرىپ بولارمەن؟!!
    نامەلۇم تورداش: بىز زادى ئىتتىپاقلىشالمايدىغان خەق، نېمىشقا بىللە كولاپ باقمايمىز، قىلماي تۇرۇپلا قىلغىلى بولمايدۇ دەپ بەل قويىۋەتسەك ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قارا بولۇپ قالمامدۇ؟!!
    قىززىقچى تورداش: ھەممىڭلار كولاشنى ياقتۇردىكەنسىلەر، مەنچە ھەممىڭلار نېفىت، بورۋايلاردا ئىشلىسەڭلار بوپتىكەن، مەخسۇس يەر كولايدىغانغا ...
    تورداشلارنىڭ يەرنى كولاپ دېڭىزغا چىقىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغىننى كۆرۈپ كۈلكىسى قىستاپ كەتكەن تورداش : دېڭىزغا چىقىپ قالسىڭىز ھېچگەپ يوق، خەخنىڭ ھاجەتخانىسىدىن چىقمىسىڭىزلا!!
    يەر كولاشقا ئىشلىتىدىغان ئۈشكىنىڭ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىرىپ ئىرىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان تورداش: يەر شارىنىڭ مەركىزى تېمپىراتۇرسى 3000 سىلسىيە گىرادۇس تۇرسا كولاپ ئوتتۇرغا كەلگەندە بۇرغا ئىرىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا كولايمەن دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭلار!!
    تورداشلار مانا مۇشۇنداق بەھىس-مۇنازىرىلەرنى قىلىشىپ قەيەردىن كولاپ -قەيەرگە چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ بولۇشالماي بەزىلەر ئارماندا قالسا بەزىلەر تۆۋە دەپ ياقىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ قىلىشتى.
    قېنى تورداش دەپ بېقىڭچۇ، ئۆزىڭىز تۇرغان يەرنى كولىسىڭىز قەيەردىن چىقارسىز؟!!!

    分享到: